text
stringlengths
0
187k
ئىسمى : ياردەم بەر
خەلق تورىنىڭ 6ئاينىڭ 9كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باتۇرلار كوماندىسى 6ئاينىڭ 9كۈنى مۇسابىقىسىنىڭ تۆتىنچى مەيدان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 85كە قارشى 108 نەتىجىدە چەۋەندازلار كوماندىسىنى يېڭىپ، 0گە قارشى 4 ئومۇمىي نەتىجىدە بۇ پەسىللىك مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولدى، بۇ باتۇرلار كوماندىسىنىڭ تۆت يىل ئىچىدە ئۈچ قېتىم مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولۇشى ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇرچە : سوپىزم تەسەۋۋۇپ
ئۇيغۇر
ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلاردىن 500 كىشى ئەسكەرلىككە ئىلتىماس قىلدى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى
مۇھىم ئۇچۇرلار
ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر لوڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
ياۋروپادا 5000 كىشىلىك نامايىشنىڭ تەييارلىقى داۋاملاشماقتا
ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ بىلىم سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلدى
پۇتبول چولپانى ئىرپان ھېزىمجاننىڭ دۆربىلجىندىكى تۈرگۈن تەربىيەلەش مەركىزى دە ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى
ئامېرىكا ماگنىتسكىي قانۇنىنى ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلغان خىتاي ئەمەلدالىرىنى جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسىنىڭ يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى نى تەكشۈرۈشى تەلەپ قىلىندى
ئىستانبۇلدا بارىن ۋەقەسىنىڭ 28 يىللىقى مۇناسىۋېتى بىلەن خاتىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى
جەمئىيەت ھەققىدە
شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە
ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلاردىن 500 كىشى ئەسكەرلىككە ئىلتىماس قىلدى
22يانۋار، يەنى دۈشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 500 كىشى تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ سۈرىيە چىگراسى ئىچىدىكى ئافرىن رايونىدا 21يانۋار كۈنى باشلاتقان ھەربىي ئۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن خالىسانە ئەسكەر بولۇشنى تەلەپ قىلىپ، تۈركىيىنىڭ زەيتىنبۇرنۇدىكى ئەسكەرلىك شۆبىسىگە ئىلتىماس سۇندى.
500 كىشىدىن تەركىپ تاپقان ئۇيغۇرلار جامائىتى ئەتتىگەن سائەت 10:00 دا زەيتىنبۇرنۇدىكى 15ئىيۇل مەيدانى غا توپلاندى ۋە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەسكەر بولۇش ئۈچۈن ئىلتىماس ئانكىتىنى تولدۇرۇپ ئىمزالىرىنى قويدى.
قوللىرىدا تۈركىيەنىڭ ئاييۇلتۇزلۇق قىزىل بايرىقى بىلەن شەرقىي تۈركسىتاننىڭ ئاييۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا مەيدانغا كەلگەن ئۇيغۇرلار بىر تەرەپتىن ئەسكەرلىككە ئىلتىماس قىلىش ئانكىتىنى تولدۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھەر شەيئى ۋەتەن ئۈچۈن، ۋەتەن ساڭا جېنىم پىدا، شەھىتلەر ئۆلمەس، ۋەتەن بۆلۈنمەس دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلار توۋلىدى.
پائالىيەتچى ئۇيغۇرلار كۆك بايراق تۈرك بايرىقى بىلەن قېرىنداشتۇر. قەلبىم ئافرىندە، بىز تەييار، بۇيرۇق كۈتىۋاتىمىز، بىزنىمۇ ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىڭلار دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلار يېزىلغان ۋىۋىسكاتاختىلارنى قوللىرىدا كۆتۈرگەن ھالدا مەيداندا شۇئار توۋلىدى. ئۇلار تۈركىيەنىڭ ئىستىقلال مارشى نى ئوقۇغاندىن كېيىن قوللىرىدىكى ئىلتىماسلىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا زەيتىنبۇرنۇ ئەسكەرلىك شۆبىسىگە قاراپ تەكبىر توۋلىغان ھالدا يۈرۈش قىلدى.
گېنىرال خېلىل ئاكار ئىلتىماس يازغان ئۇيغۇرلارغا تەشەككۈر ئېيتتى.
توپلانغان 500 كىشىنىڭ ئىلتىماس زەيتىنبۇرنۇ ھەربىي باش قۇماندانى گېېنىرال خېلىل ئاكار ئەپەندىگە تاپشۇرۇلدى. گېنىرال خېلىل ئاكار پائالىيەتچى ئۇيغۇرلارغا خىتاپ قىلىپ مۇنداق دېدى: تۈركىيە قۇراللىق قىسىملىرىنى قوللاپ كۆڭۈل بۆلگەنلىكىڭلار ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىمەن. ماڭا بەرگەن ئىلتىماسلىڭلار مۇناسىۋەتلىك ھەربى شىتابقا يوللىنىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسكەرلىك ئىلتىماسىنى سۇنغان ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ھەربىي گېنىرالغا خىتاپ قىلىپ مۇنداق دېدى: تۈركىيىدە ياشاۋاتقان 300 مىڭ شەرقىي تۈركسىتانلىقلار ۋەكىللىك قىلىدىغان پۈتۈن جەمئىيەتلەر بۈگۈن بۇ يەرگە توپلاندۇق. شەرەپلىك تۈرك ئەسكەرلىرىمىزنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىمىزنى ئىپادىلەشنى خالايمىز. ئافرىندا ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئەسكەرلىرىمىزنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىمىزنى، بۇيرۇق ئاستىدا ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرۈشنى خالايمىز. بىزمۇ ئەسكەرلىككە قوبۇل بولۇشنى خالايىمىز. ئۆز ئىختىيارلىقىمىز بىلەن خالىس ئەسكەر بولۇشنى تەلەپ قىلىمىز. ئارمىيىمىزنىڭ بويرۇقى ئاستىدا جېنىمىزنى ھېچ ئىككىلەنمەستىن پىدا قىلىشقا تەيياربىز.
كېيىن يەنە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەسكەرلىككە بېرىشنى خالايدىغان پائالىيەتچى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالەتەن زەيتىنبۇرنۇ ھەربىي شىتابى ئالدىدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ مۇنداق دېدى: زەيتۇن تالى ھەركىتى باشلانغاندىن كېيىن بىز شەرقىي تۈركسىتاندىن كەلگەن تۈركىيە ۋەتەنداشلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تۈركىيە قۇراللىق كۈچلىرىنى ھېچ بىر زامان يالغۇز تاشلاپ قويمايمىز. تۈركىيە پۇقراسى بولغان ياكى بولمىغان پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلار تۈركىيە ئارمىيىسىنى ماددىي ۋە مەنۋىي جەھەتتىن قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىمىزنىڭ بىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. ئاتا يۇرتتىن كەلدۇق، تۈركىيىنى ۋەتەنىمىز دەپ بىلدۇق. ئەڭ ئاخىرقى قەلئەمىز شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر خەلقى ۋەتەنسىزلىكنىڭ نېمە مەناغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ۋەتىنىمىز تۈركىيەنى يوقىتىپ قويۇشنى ھەرگىز خالىمايمىز. شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلار شەرتسىز تۈركىيە ئارمىسىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ۋەتەننىڭ بۇرچىنى ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز.
كيىن يەنە زەيتىنبۇرنۇ شەھەرنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى شۇنداقلا خوجائەخمەت يەسەۋىي ئىلىم ئىرپان ۋەخپىنىڭ رەئىسى ئىلياس ساكا ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: دۇنيانىڭ ھېچ بىر يېرىدە ئانا ۋەتەن ئاتا ۋەتەن دەيدىغان بىر ئۇقۇم يوق. بىز ئۆتمۈشتە چوڭ مەدەنىيەتلەر ياراتقان خەلق دەپ سۈپەتلىنىپ كەلگەن خەلق، بىز ئاتا يۇرتتىن كەلگەن شەرقىي تۈركىستانلىقلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئانا يۇرتىمىز تۈركىيىنىڭ ھەر بىر پارچىسىنى ۋەتەن دەپ بىلدۇق، خۇدايىم بۇيرىسا ھەر بىر شەرقىي تۈركسىتانلىقلار ھەر بىر تۈرككە ئوخشاش جېنىمىز، قېىنىمىز بىلەن ئەسكەرلىرىمىزنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرىمىز ۋە تۈركىيە ئەسكەرلىرىمىزنىڭ ئافرىندا غەلبە قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
تۈركىيە ئارمىيەسى زەيتىنبۇرنۇ شەھەرلىك ھەربىي شۆبىسىنىڭ باشلىقى، گېنىرال خېلىل ئاكار ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلتىماسلىرىنى قوبۇل قىلدى ۋە سۇنۇلغان ئىلتىماسلارنى مۇناسىۋەتلىك قۇماندانلارغا تاپشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاخىرىدا ھەممە بىردەك دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ تۈركىيە ئارمىيىسىنى غەلبە قىلىشى ئۈچۈن دۇئا ئوقۇلدى.
بۇ پائالىيەت ئۆتكەن ھەپتە ئىستانبۇلدا 8 ئۇيغۇر تەشكىلاتنىڭ ئورتاق قارار ئېلىشى بىلەن قۇرۇلغان شەرقىي تۈركسىتان جەمئىيەتلىرى ئىجرائىيە كومتېتى تەرىپىدىن ئويۇشتۇرۇلدى.
بۇ پائالىيەت بۈگۈن تۈركىيەنىڭ ت ر ت خەۋەر، كانال7، ئاخەبەر، ت گ ر ت قاتارلىق چوڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرى ۋە ھۆررىيەت، مىللىيەت، سىتار قاتارلىق داڭلىق گېزىتلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتى تارتتى ۋە ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئەسكەرلىككە ئىلتىماس قىلدى دېگەندەك تېمىلاردا خەۋەر ئېلان قىلىندى.
ئۇيغۇر ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركسىتان 20180213
: خىتاي تۈرمىسىدە شەھىد بولغان ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللام ئۈچۈن غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلدى
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
شەرقىي تۈركىستانلىق خانىم قىزلارمۇ ۋىجدان كارۋىنىغا قېتىلدى
ۋاپاتىنىڭ 7يىلىدا مەرھۇم لىدەر ئەرباكاننى خاتىرلەش يىغىنى
شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى زالىمغا قارشى ۋىجدان كارۋىنىنى قوللاش ئۈچۈن ۋىجدانىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا
شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائى تەشكىلاتلار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى
شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى تۈرك دۇنياسى بەلەدىيەلەر بىرلىكىنى زىيارەت
خىتاي تۈرمىسىدە جان ئۈزگەن ئىككى ئىككى قازاق ئىمام ئۈچۈن غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلدى.
ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار
ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسىنىڭ يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى نى تەكشۈرۈشى تەلەپ قىلىندى 31
ئىستانبۇلدا بارىن ۋەقەسىنىڭ 28 يىللىقى مۇناسىۋېتى بىلەن خاتىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى 25
جەمئيىتىمىز رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئاۋۇستىرالىيەدە زىيارەتتە بولدى 22
ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر لوڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى 19
پۇتبول چولپانى ئىرپان ھېزىمجاننىڭ دۆربىلجىندىكى تۈرگۈن تەربىيەلەش مەركىزى دە ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى 15
ياۋروپادا 5000 كىشىلىك نامايىشنىڭ تەييارلىقى داۋاملاشماقتا 14
ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ بىلىم سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلدى 12
ئامېرىكا ماگنىتسكىي قانۇنىنى ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلغان خىتاي ئەمەلدالىرىنى جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى 9
ئانا تىل يەسلى ۋە قۇرئان كۇرسى ئوقۇغۇچىلىرى
2014 . شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى
ئۇیغۇرچه,
2018جىلدىق شئنجاڭ بئر القاق، بئر جولتوقۇماچىلىق كىيىمكەچە كەسىبىن ۅنۉكتۉرۉۉ فورۇمۇ ۅتكۅرۉلدۉ
2018جىلدىق شئنجاڭ بئر القاق، بئر جولتوقۇماچىلىق كىيىمكەچە كەسىبىن ۅنۉكتۉرۉۉ فورۇمۇ ۅتكۅرۉلدۉ