text
stringlengths 16
1.35k
| label
int64 0
1
|
---|---|
بۇ يىل 5- ئاينىڭ بېشىدا، جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى باش بانكىسى مەخسۇس خۇبېي ئېنشىدا جاڭ فۇچىڭدىن ئۆگىنىش مۇھاكىمە يىغىنى تەشكىللەپ، بۇ پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسىنىڭ جاپا - مۇشەققەتتىن قورقماي، كۆرسەتكەن خىزمىتىدىن مەغرۇرلانماي، پايدا - زىيان بىلەن ھېسابلاشماي بىر ئۆمۈر تۆھپە قوشۇشتەك روھىنى ئۆگەندى. | 1 |
نۆۋەتتە، جۇڭگو بىلەن پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. | 1 |
باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىدىغان زەربىدارلىق روھىنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. | 1 |
شى جىنپىڭ رۇەن چۈنفۇغا باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى رۇەن فۇجۇڭغا سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئېيتتى. | 1 |
يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىش كېرەك؛ پەرقلەرنى تېپىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسىغا سېلىشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا سېلىشتۇرۇپ، نىشانلىق تۈزىتىش كېرەك؛ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. | 1 |
بۈگۈنكى كۈندە، ئاياغمەنگەن كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بەخت يولى ماڭغانسېرى كېڭەيمەكتە. | 1 |
ئىشىنىمەنكى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، بۇ قېتىمقى زىيارىتىم فرانسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىدىكى يېڭى ئابىدە بولۇپ قالىدۇ. | 1 |
ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن ھەمراھلىق، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا، رايون ۋە يەر شارىۋى ئىقتىسادنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىگە كۈچ قوشتى. | 1 |
بۇ يىل 45 ياشقا كىرگەن خالىدە ئۇرايىم چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ تىكەنلىك بازىرى غولئۆستەڭ كەنتى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى، شۇنداقلا كەنتتىكى داڭلىق «پەننى ئومۇملاشتۇرۇش باشلامچىسى». | 1 |
بىز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىمىز، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ھاياتىمىزغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشىمىز، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئاساسىنى بىرلىكتە سېلىپ، يېشىل تەرەققىيات يولىدا بىرلىكتە مېڭىشىمىز كېرەك. | 1 |
«بۇ يىل 10 مىليوندىن كۆپرەك يېزا ئاھالىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىمىز بار ، مەن نامرات تاغلىق رايوندىن كەلگەن ۋەكىل ، ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە نامراتلىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشىمىزغا ئىشەنچىم بار .» | 1 |
خاتىرە مۇنارىنىڭ كەينىدە، يۈدۇ دەرياسى جىمجىت ئېقىپ، قاينام - تاشقىنلىق ئاشۇ يىللارغا گۇۋاھ بولۇپ تۇراتتى. | 1 |
ساناغا جايلاشقان زوڭتۇڭ مەھكىمىسى 3-ئىيۇن توپقا تۇتۇلۇپ، سالىھ يارلانغان ھەم ئارقىدىنلا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختى رىيادقا داۋالىنىشقا كەتكەن. | 0 |
بايار مۇنداق دىدى : موڭغۇلىيە جۇڭگونىڭ ئىناق قوشنىلاردىن بولۇپ دوستانە ئۆتۈش سىياسىتىگە ئاپرىن ئوقۇيدۇ. | 1 |
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مىللىتى توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىدىغان مىللەت. | 1 |
بايرام كۈنى، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ لەڭگەر كوچا باشقارمىسى خۇڭگۇاڭ مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىنىڭ خۇڭگۇاڭ مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ھال سوراش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، مەھەللىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئامما، ھەرىكىتى قولايسىز پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن پېشقەدەم ھەربىيلەر، ئىگە - چاقىسىز ياشانغانلارنى يوقلاپ، ھال سوراپ، ئۇلارغا بايراملىق بەخت تىلەپ ۋە ھال سوراش بۇيۇملىرىنى بېرىپ، ئۇلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدۇردى. | 1 |
شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە داشۆسىنىڭ يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ماڭشىن يېزىسى قارا باش لەڭگەر كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى قارا مور يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش يولىنى ئاچقانىدى. | 1 |
4- ئاينىڭ 5- كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ 6- نۆۋەتلىك «ئۇچتۇرپاندا باھار − يىپەك يولىدىكى بۇلاق شەھىرىدە ئۆرۈك چېچىكى» چېچەك سەيلىسى فوتو سۈرەت بايرىمىنىڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانى بولغان ليۇشۇچۈەن مەنزىرە رايونى ئەتىيازنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىگە تولغان بولۇپ، ئات بەيگىسى، خوراز سوقۇشتۇرۇش، ئوغلاق تارتىشىش قاتارلىق مىللىي ئۆرپ - ئادەت پائالىيەتلىرى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئەتراپىدىكى ناھىيە، شەھەرلەردىكى ساياھەتچىلەرنى بېرىپ كۆرۈشكە جەلپ قىلدى. | 1 |
كېيىن سىز كېۋەزنى مەندىنمۇ ياخشى تېرىيدىغان بولۇپ كەتتىڭىز، كالىنىمۇ ياخشى باقىسىز!» | 1 |
ئۈچ «باشتىن - ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇش» پۈتۈن پارتىيەنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالزمنى تېخىمۇ ياخشى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. | 1 |
ۋېيشيەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇشۇفېڭ، ناھيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ۋاڭ شۇگوغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى كۆرۈلدى، ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ تىتيېنى تەشكىلىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىپ، ئۈچ كىشى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى. | 0 |
بېنياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: لائوس - جۇڭگو ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى راۋاجلاندۇرۇش لائوس تەرەپنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان فاڭجېنى، لائوس جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان لائوس تەرەپكە قىممەتلىك ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى پارتىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە بولغان سىياسىي يېتەكچىلىك رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى پارتىيە يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ قەرەللىك ئۇچرىشىشىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى تېزلىتىپ، لائوس - جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. | 1 |
تارىخ شۇنى چوڭقۇر كۆرسەتتىكى، پەقەت جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى باتۇرلۇق بىلەن ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش، قۇربان بېرىشكە جۈرئەت قىلسىلا، بىزنىڭ دۆلىتىمىز چوقۇم بېيىشقا، قۇدرەت تېپىشقا قاراپ ماڭالايدۇ، بىزنىڭ مىللىتىمىز چوقۇم ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ! | 1 |
تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە مxنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى. | 0 |
لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە ئۇسۇلى، يولىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، يېزا - كەنتلەردە كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيەنى گۈللەندۈرۈش، تەشكىلاتلارنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك. | 1 |
دۇتېرت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مېنىڭ جۇڭگوغا كېلىشىم تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئۈچۈن. | 1 |
ئۈرۈمچىدە ئولتۇرۇشلۇق ئەركىن قادىر بىر نەچچە كۈن بۇرۇنلا روزا ھېيتلىق تەييارلىقنى باشلىدى، تازىلىق قىلغاندىن باشقا، ئۇ يەنە مېۋە - چېۋە، پېچىنە - پىرەنىك قاتارلىق تۈرلۈك نازۇنېمەتلەرنى سېتىۋېلىپ، ھېيت كۈنى ھېيتلاپ كېلىدىغان تۇغقانلىرى، دوست - بۇرادەرلىرىنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق قىلدى. | 1 |
ھازىر قوللىنىۋاتقىنىمىز يېڭى بىر ئەۋلاد ئۆز ئورنىدا رۇدا سۈزۈش ھۈنەر - سەنئىتى، پۈتكۈل ئېچىش جەريانىدا تاغ گەۋدىسى قېزىلمايدۇ، تاغلىق يەرلەردىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىنمايدۇ، شۇنداقلا قالدۇق قۇم چىقىرىشمۇ بولمايدۇ، بۇنىڭدا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بولغان تەسىرى نىسبەتەن كىچىك بولىدۇ، بايلىقتىن پايدىلىنىش نىسبىتىمۇ ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. | 1 |
بىز ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئوچۇق، پاك، يېشىل تەرەققىياتنى بىردەك قوللاپ، قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بولۇش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت، مۇھىتنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا مېڭىشقا قوشۇلىمىز. | 1 |
«باش شۇجىنىڭ تەلىمىنى قايتا - قايتا ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى بىلەن خىزمەتداشلىرىمنىڭ بىللە چۈشكەن سۈرىتىنى قايتا - قايتا كۆرۈپ، ئۆزۈمنى باش شۇجىغا تېخىمۇ يېقىنلاشقاندەك ھېس قىلدىم.» جۇڭ خۇاپىڭ مۇنداق دېدى: «مەن باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقى ئارقىلىق ئۆزۈمگە تەلەپ قويۇپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ خىزمىتىمنى ئەڭ ياخشى ئىشلەپ، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن». | 1 |
يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتقانلىق تەرەققىياتنى تۇتقانلىق، يېڭىلىق يارىتىشنى كۆزلىگەنلىك كەلگۈسىنى كۆزلىگەنلىك. | 1 |
جۇڭگو تەرەپنىڭ 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. | 1 |
جۇڭگو سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە ئوبيېكتىپ، ئادىل مەيداندا چىڭ تۇرغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، قەتئىي ھالدا سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپنىڭ ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىشى، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ. | 1 |
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 24- كۈنى تېلېگراممىسى 5- ئاينىڭ 23- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھىندىستان زۇڭلىسى مودىغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئۇ رەھبەرلىك قىلغان مەملىكەتلىك دېموكراتىيە ئىتتىپاقىنىڭ ھىندىستاننىڭ 17- نۆۋەتلىك خەلق پالاتاسى سايلىمىدا غەلىبە قىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. | 1 |
بۇ يىل 95 ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى جاڭ فۇچىڭ سابىق غەربىي شىمال دالا ئارمىيەسى 359- لۈي 718- تۇەن 2- يىڭ 6- ليەنىنىڭ جەڭچىسى بولۇپ، ئازادلىق ئۇرۇشىدا يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوق ئارىسىدا مىڭ ئۆلۈپ، بىر تىرىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شەرەپلىك ھالدا ئۈچ قېتىم بىرىنچى دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن، بىر قېتىم ئىككىنچى دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن، غەربىي شىمال دالا ئارمىيەسى تەرىپىدىن «ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن» دەپ ئەنگە ئېلىنغان، ئىككى قېتىم «كۈرەش قەھرىمانى» دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن. | 1 |
«رەھبىرىي كادىرلار ئالدى بىلەن ئۈلگە بولىشى كېرەك، بىرى، سىياسىي ئورنىنى ئۆستۈرىشى، يەنە تارىخى نەزەر تىكلىشى شەرت، نەزىرىيەۋىي تەپەككۈرىمىزنى كۈچەيتىشىمىز، ئومۇمىيەت قارىشىمىزنى كۈچەيتىشىمىز، بىلىم ساپايىمىزنى ئاشۇرىشىمىز كېرەك،يەنە مەسىلە ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرىشىمىز لازىم. | 1 |
چاقىلىق ناھىيەسى ناھىيە، يېزا - بازارلار، كەنت (مەھەللە)لەرنى قاپلىغان يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مەركىزى ئۇنىۋېرسال تورى بەرپا قىلىپ، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش، ئاممىنى يېتەكلەشنى چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىپ، لېكسىيە سۆزلەپ، ئالغا ئىنتىلىدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان كۈچلەرنى مۇجەسسەملەپ، گۈزەل مەنىۋى ماكاننى ئورتاق بەرپا قىلدى. | 1 |
بۈگۈن ئەنخۇيدە قار ياغدى، ئۇدا ياغقان قارنىڭ تەسىرىدە نۇرغۇن جايلاردىكى پارنىكلار زىيانغا ئۇچرىدى. | 0 |
بۇ قارمۇ بۇ يىلنىڭ ياخشى باشلىنىشى بولۇپ ، بۇ يىلدا ياخشى ھوسۇل ئىلىشتىن بېشارەت بەردى . | 1 |
ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مودېللىرى كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغان دۆلەتلەرنىڭ داڭلىق گۈل نۇسخىلىرى چۈشۈرۈلگەن كىيىم - كېچەكلەرنى كىيىپ، گۈل تىلى ئارقىلىق دوستلۇقنى ئورتاق بايان قىلدى. | 1 |
ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر تۇرمۇش شارائىتىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەكتىن غەم قىلمايمىز. | 1 |
ناھىيە بازىرىدا 20 نەچچە يىل يەسلى ئوقۇتقۇچىسى بولغان جياڭ دۇڭلىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر يېزا يەسلىلىرىنىڭ شارائىتى شەھەر - بازارلاردىكى يەسلىلەردىن قېلىشمايدۇ، بەزى جەھەتلەردە ھەتتا ناھىيە بازىرىدىكىدىنمۇ ياخشى. | 1 |
شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى شى سوخۇا ئىدىيىۋىي-سىياسىي دەرسنى ئۆتىدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دەرسخانىسى «ئەدەبىيات ۋە سەنئەت گۈلزارلىقى» دەپ ئاتالدى. | 1 |
شى جىنپىڭ كارخانىنىڭ پەن تەتقىقات سېلىنمىسىنى زورايتىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچەش، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش ئۇسۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. | 1 |
بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئومۇمىي خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىگە ئورتاق قاتنىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، كىتاب ئوقۇپ قەلبنى بېيىتىپ، كىشىلىك ھاياتنى موللاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. | 1 |
ۋەتەننىڭ ئېھتىياجى، خەلقنىڭ مەنپەئىتىدىن ئايرىلسا، ھەرقانداق ئۆزىنى قالتىس چاغلاشنىڭ ھەممىسى ماڭغانسېرى تارلىشىپ، كىچىكلەپ كېتىدىغان زېمىنغا پېتىپ قالىدۇ. | 0 |
مەن بۇ قېتىم باش ۋەزىر ئەنبېي جىنسەننىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى سۈپىتىدە جۇڭگوغا باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلدىم، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بۇ جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر ساھە، بولۇپمۇ ياش - ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا كەڭ ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاشنى خالايمەن. | 1 |
لۇ ۋېيدوڭ مۇخبىرغا موگودىن ھوسۇل ئالغانلىقى ئۈچۈن ، كەنتىكى خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت مەركىزىدىن ئىنتايىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. | 1 |
جۇڭگونىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى نېپال ئۈچۈنمۇ پۇرسەت. | 1 |
2007- يىلى يۈننەن كۇنمىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، يى شۆكۇي 288 ھالقىلىق نەتىجە بىلەن باشقا ئىككى ماھىر بىلەن تەڭ بىرىنچى بولدى، بىراق ئاخىرىدا ئون ھالقىغا تەگكۈزگەن سانى نىسبەتەن ئاز بولغاچقا، قاراپ تۇرۇپ ئالتۇن مېدالنى قولدىن بېرىپ قويدى. | 0 |
ياشلارنىڭ غايىسىنىڭ ئۇلۇغۋار، ئېتىقادىنىڭ مۇستەھكەم بولۇشى بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. | 1 |
«يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ قالتىسلىقى ئۇنىڭ قەلبىدە پەقەت پارتىيەلا بارلىقىدا، پەقەت دۆلەتلا بارلىقىدا، پەقەت خەلقلا بارلىقىدا؛ ئۇنىڭ ئاددىيلىقى ئۇنىڭ ئەزەلدىن ئۆزىنى ئويلىمىغانلىقىدا. | 1 |
كۆپچىلىك ئۇ بىر ئېغىز، بۇ بىر ئېغىزدىن سۆزلەپ، بەس - بەستە باش شۇجىغا خۇش خەۋەر يەتكۈزدى: تەنتوۋ كەنتىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن جەمئىي 109 نامرات ئائىلە بار ئىدى، مۇشۇ يىللاردا ھەممىسى كۆكتاتچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشقا قاتناشتى، كەنتتە يەنە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سېخى قۇرۇلدى، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا سۈن گۇەنفانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 95 ئائىلە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. | 1 |
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تاغ - دەريالىرى تۇتاش، ئادىمىيەت ئالاقىسى يېقىن بولۇپ، ئوخشاپ كېتىدىغان تارىخىي مۇھىتقا، ئوخشاش ئارزۇ - ئىنتىلىشقا ئىگە. | 1 |
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چاقىلىق ناھىيەسى زور كۈچ بىلەن يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىنى پىدائىيلار مۇلازىمەت سېپىگە قوشۇلۇشقا جەلپ قىلىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، مەدەنىيلىك تارقىتىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. | 1 |
ئۆينىڭ ئالدى - كەينىدە تارقاق ئۆستۈرۈشتىن تەدرىجىي شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ مۇھىم كىرىم مەنبەسىگە ئايلىنىشقىچە، ماخمۇتقا ئوخشاش نۇرغۇن ياڭاق ئۆستۈرىدىغان ئاھالە ياڭاق دەرىخىدىن بەختنىڭ سىيماسىنى كۆردى. | 1 |
تارىخنى ئەسلەش قىزىل روھقا ۋارىسلىق قىلىش | 1 |
پارتىيەگە رەھمەت، ھۆكۈمەتكە رەھمەت، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىگە رەھمەت، مانا بۇ ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە ئويلىغانلىرى، شۇنداقلا داۋاملىق ساغلام، خۇشال - خۇرام ياشاش ئۇلارنىڭ ئۈمىدى، پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭمۇ ئۈمىدى. | 1 |
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ باش تېمىسى «ئاسىيانىڭ مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشى ۋە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى» بولۇپ، ئېچىلىش مۇراسىمى، پاراللېل شۆبە مۇنبەر، ئاسىيا مەدەنىيەت كاتتا مەرىكىسى، ئاسىيا مەدەنىيلىك ھەپتىلىكى پائالىيىتىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، چېتىلىدىغان ئالاقىدار پائالىيەت 110 تۈردىن ئارتۇق بولۇپ، ئاسىيا مەدەنىيلىكىنىڭ رەڭدار سېھرىي كۈچى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ چوڭقۇر ئاساسى تولۇق نامايان قىلىنىدىكەن. | 1 |
كىرىشتۈرۈپ تېرىشتا گەرچە يەردىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلانغىلى بولسىمۇ، لېكىن زىرائەتلەر ئۆسۈشتە تۇپراققىلا تايانمايدۇ، يەنە كۈن نۇرى، سۇ، ئوغۇتقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. | 1 |
گۇيرۈيخۇ كۆلى بويىغا جايلاشقان دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ جۇڭگو سارىيى خۇددى ئىللىق رۇيىدەك تاغ ۋە سۇ ئارىسىدا نامايان بولۇپ تۇراتتى. | 1 |
كۆپچىلىكنىڭ ئاسىيا مەدەنىيلىكى ۋە دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. | 1 |
تىزىملىك ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت، يەرلىك، كارخانىلار ئارا ھاسىل قىلغان بىر قاتار ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشلىرى، مۇھىم تەدبىرلەر ھەم ئەمەلىي نەتىجىلەر قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ، جەمئىي ئالتە چوڭ تۈردىكى 283 تۈر بار. | 1 |
يىغىندا 167 «مەملىكەتلىك ئۆزىنى ئۆزى قۇدرەت تاپقۇزۇش نەمۇنىچىسى»، 100 «مەملىكەتلىك مېيىپلەرگە ياردەم بېرىشتىكى ئىلغار كوللېكتىپ»، 100 «مەملىكەتلىك مېيىپلەرگە ياردەم بېرىشتىكى ئىلغار شەخس»، 100 «مېيىپلەر ئائىلىسى» ۋە 33 «مەملىكەتلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسى سىستېمىسىدىكى ئىلغار خىزمەتچى» تەقدىرلەندى. | 1 |
شۇ كۈنى، تېكەس ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ ناھىيەنىڭ قارادالا بازىرى ئۆڭكۈر تاش كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرىدىن ما جيەنشياڭ، ما جيەنجۇڭ، ما يوۋجۈن ئۈچ كىشىنىڭ ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلوغا ئوچۇق ھۆكۈم ئېلان قىلدى. | 0 |
جۇڭگو - لائوس دوستلۇقى نۇڭبىڭ كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇشىغا تىلەكداشمەن. | 1 |
ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر سەھنىدىمۇ سەھنىدىن چۈشكەندىمۇ، كىشىلەرنىڭ ئالدىدىمۇ كەينىدىمۇ بىردەك بولۇشى، داڭلىق شەخس ئوبرازىنى ياخشى تىكلىشى كېرەك. | 1 |
ئۇلار بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: رولىمىزنى تولۇق، ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، تىنچلىققا ئىنتىلىش، ئوتتۇرا يول تۇتۇش، توغرا ئېتىقاد قىلىش ئىدىيەسىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشى ۋە يامرىشىنى قەتئىي توسۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى ۋەتەننىڭ بىرلىكى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقىنى قوغداشقا پائال يېتەكلەپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن ئاكتىپ كۈچ قوشىمىز. | 1 |
8-دېلو مىسالى: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى خۇxنىڭ پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش دېلوسى | 0 |
ھەرقايسى دۆلەتلەر «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش مۇھىم پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، ئەل رىشتىنى تۇتاشتۇرۇپ، تىنچلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل ئارزۇنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. | 1 |
ئاناستاسيادېس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىپرۇس تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان قىممەتلىك مەدەت بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، سىپرۇس تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا ئاكتىپ قاتنىشىدۇ، ياۋروپا - ئاسىيانىڭ بىرلەشمە ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. | 1 |
لەپەلدەپ تۇرغان بايراق، ياڭراق قەسەم ئوفىتسىر ئەسكەرلەرنىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇيرۇقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، مەشق ئارقىلىق ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈردى. | 1 |
يېقىندا ئالتاي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا يولغا، ئاپتوموبىلغا چېتىشلىق قارا، رەزىل كۈچلەرنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى ھەم جەمئىيەتتىن مۇشۇ جەھەتتىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايەت يىپ ئۇچلىرىنىڭ توپلىنىدىغانلىقى ئېنىق ئۇقتۇرۇلدى. | 0 |
2014- يىلى 5- ئايدىن 2015- يىلى 7- ئايغىچە، ۋاڭ گېشىن تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، مىللەت - دىن ئىشلىرى كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر بولغان مەزگىلدە، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، دۆربىلجىن ناھىيەسىدىكى قارا جەمئىيەت تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى دېڭ Xنىڭ قۇرۇلۇش تۈرىنى ھۆددىگە ئېلىشىغا ياردەم بېرىپ، دېڭ Xنىڭ 80 مىڭ يۈەن پۇلىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قارا، رەزىل كۈچنىڭ زورىيىپ كۈچىيىشىگە ياردەم بەرگەن؛ ئۆزى سېتىۋالغان لۇخۇ ماركىلىق نىمكەش دالا ئاپتوموبىلىنى يۇقىرى باھادا دېڭ Xكە سېتىپ، ئارىدىن 100 مىڭ يۈەن پايدا ئالغان. | 0 |
مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، مايتاغ-كۇچا تاشيولى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى ئېچىۋېتىلىدىكەن، بۇ يولنىڭ گۈزەل مەنزىرىگىلا ئەمەس، يەنە ئەلا مۇلازىمەتكىمۇ ئىگە بولۇشى ئۈچۈن، بۇ يىل قاتناش باشلىنىشتىن ئىلگىرى، ئادەتتىكى قار تازىلاش خىزمىتىدىن باشقا، پۈتۈن لىنىيە بويىچە يەنە ئېسىل ساياھەت تاشيولىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ. | 1 |
كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئېزىدىغان سوغۇق شىفەن | 0 |
ئىككىنچى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشى كېرەك. | 1 |
ھازىر بارغانسېرى كۆپ دۆلەت «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا قاتنىشىۋاتىدۇ، بۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى، كەڭ دائىرىدە كىشىلەر قەلبىنى ئۇتقانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. | 1 |
ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو - لائوس تۆمۈريولى قاتارلىق چوڭ تۈرلەرنىڭ تەسىرى ۋە ئۈلگە ئېففېكتىنى كېڭەيتىپ، شۇ رايوننىڭ ئۆزئارا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور رول ئوينىشى كېرەك. | 1 |
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. | 1 |
مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بىرلىكتە كاشىلىلارنى تۈگىتىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، دوستانە ھەمكارلىقنى باشتىن - ئاخىر فىلىپپىن - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمىغا ئايلاندۇرۇشنى خالايمەن. | 1 |
شۇنىڭ بىلەن بىللە، تاراتقۇ، ئاقىللار ئامبىرى، ساياھەت، كىنو - تېلېۋىزىيە، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەردە بىرقاتار كۆپ تەرەپلىك، ئىككى تەرەپلىك تەشەببۇس، كېلىشىملەر ئىمزالىنىدۇ، بىر تۈركۈم مۇھىم، زور تۈر نەتىجىلىرى ۋە تەتقىقات دوكلاتلىرى ئېلان قىلىنىدۇ، يىغىن نەتىجىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولىدىغان كونكرېت ئەمەلىي تەدبىرلەر چىقىرىلىدۇ. | 1 |
ھالبۇكى، «ئوقيا ئاتقاندا سېرىق مەركەزگە ئېتىش، مۇسابىقىدە ئالتۇن مېدال ئېلىش كېرەك» دېگەن ئۇلۇغۋار ئىرادە، جۇشقۇن ھېسسىيات بىلەن، يى شۆكۇي كىرىچتىن ئېتىلغان يا ئوقىغا ئايلىنىپ، يىراقتىكى نىشانغا قاراپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە. | 1 |
يېڭى دەۋر، يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە ناملىق سەھىپىدە بۈگۈن، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبىغىدىكى 11 ئۆلكە، شەھەرنىڭ بىرلىكتە ئالتۇن سۇ يولى ئېچىپ، رايوننىڭ ماس تەرەققىي قىلىشىغا تۈرۈتكە بولىدىغان يېڭى ئېشىش نۇقتىسى ،يېتىلدۈرگەنلىكىگە نەزەر سالىمىز | 1 |
مۇشۇ بىر مەزگىل ئالدىراشچىلىقنى تۈگەتسەكلا، بازارغا بېرىپ ھاراق ئىچىپ كېلەيلى». | 1 |
مۇخبىر ئەتىيازلىق تېرىلغۇ نەق مەيدانىدا يەتىكەن يۇلتۇزى يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىلغان كۆپ ئىقتىدار بىر گەۋدىلەشكەن شوپۇرسىز تۈجۈپىلەپ ئۇرۇق سېلىش سېيالكىلىرىنىڭ ئالدىن بېكىتىلگەن تېرىش لىنىيەسى بويىچە يۈرۈپ، دانە - دانە كېۋەز ئۇرۇقىنى تۈجۈپىلەپ دەل جايىدا تېرىۋاتقانلىقىنى كۆردى. | 1 |
رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالدىنقى ئايدا ئىتالىيەگە قىلغان زىيارىتى ئىتالىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، ئىتالىيە خەلقىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. | 1 |
يېڭىچە شەھەر، يېزا مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە - مېخانىزمى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ ماس تەرەققىياتى، يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. | 1 |
كەڭ خەلق، بولۇپمۇ ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشلار ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، داۋاملىق جاپالىق كۈرەش قىلمىغان بولسا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرىنىڭ بۈگۈنى بولمايتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئەتىسىدىن تېخىمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولمايتتى. | 1 |
جۇڭگو تەرەپ ئېفىيوپىيە تەرەپنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ، ئېفىيوپىيە تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە داۋاملىق ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە قوللاشنى؛ ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېفىيوپىيە تەرەپنىڭ سانائەتلىشىش سەۋىيەسى ۋە ئېكسپورتتىن تاشقى پېرېۋوت يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىشنى؛ كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئافرىقا تۇمشۇقى ۋەزىيىتى قاتارلىق خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. | 1 |
ئىككىنچى، گۈزەللىكلەردىن ھۇزۇرلىنىش، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىشتا چىڭ تۇرۇش. | 1 |
جۇڭگو تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ۋە جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. | 1 |
«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش جۇڭگونىڭ ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىشىگە تۈرتكە بولىدۇ، بۇ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ زور پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. | 1 |
تۆتىنچى، بىز ئىلمىي تۈزەش روھىغا ئىنتىلىشىمىز كېرەك. | 1 |
بىرىنچى سائەتلىك دەرس ئۇنىڭ چىرايلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇ بىزگە ئازادە كەيپىيات ۋە مۇھىتتا تۇرۇپ بىز بىلەن پاراڭلىشىشىنى خالايدىغانلىقىنى ،بۇ دەرس ئۆتكەنلىك ئەمەس بىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشلىقىنى دىگەنىدى. | 1 |
ياش ئەۋلادلارنى ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىدىن قىلىپ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئورتاق سىياسىي مەسئۇلىيىتى. | 1 |
بۇ چاغدا، ۋۇجىن رايونىنىڭ ئىلغار ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، ئالدىنقى قاتاردىكى باشقۇرۇش تەجرىبىسى بۇ يەردە تېخىمۇ تولۇق قوللىنىشقا ئېرىشىدۇ. | 1 |
«ئۇنىڭ ئاشقازان كېسىلى بار، ھەر قېتىم ئاشقازىنى ئاغرىسا، پېشانىسىدىن ئاققان تەرگە قاراپ، مەنمۇ تەڭ بىئارام بولاتتىم.» لو شياۋمېي ئېرى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، بۇنىڭدىن كېيىن خۇرەكنىڭ ئۈچ ۋاق تامىقى، ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ئۈستىگە ئېلىش قارارىغا كەلدى. | 1 |
ئايرىم ئىنچىكە ھېسابات قىلىپ باقساق، قانداق ئۆستۈرگەندە تېخىمۇ كۆپ پايدا ئالغىلى بولىدۇ؟ | 1 |
4- ماي ھەرىكىتىدىن بۇيانقى 100 يىل جۇڭگو ياشلىرى ئەۋلادمۇئەۋلاد ئۇدا كۈرەش قىلىپ، زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ ئىلگىرىلىگەن 100 يىل، جۇڭگو ياشلىرى ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارى ئارقىلىق ياشلىق باھارى ئۇرغۇغان جۇڭگو، ياشلىق باھارى ئۇرغۇغان مىللەتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن 100 يىل. | 1 |